TSK

TSK · ماركۇس 3:27

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ كۈنىدە پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دەھشەتلىك، بۈيۈك ۋە كۈچلۈك شەمشىرى بىلەن ئۇچقۇر يىلان لېۋىئاتاننى، يەنى تولغانغۇچى يىلان لېۋىئاتاننى جازالايدۇ؛ ئۇ يەنە دېڭىزدا تۇرغان ئەجدىھانى ئۆلتۈرىدۇ.  

بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن مەن شۇ «نۇرغۇن كىشىلەر»نى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ نېسىۋىسى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى كۈچلۈكلەرنى غەنىمەت سۈپىتىدە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ تا ئۆلۈشكە قەدەر «[شاراب ھەدىيە]»نى تۆككەندەك، ئۆز جېنىنى تۇتۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا سانىلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ئۆزىنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى».  

بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا، ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.

تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛

ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، [كرېستتە] ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى.   

لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.

ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى.