ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛
TSK
TSK · ماركۇس 4:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، [مېۋىلىرى] يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى.
ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن، ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان، يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛ ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يولى گويا تاڭ نۇرىدۇر، كۈن چۈش بولغۇچە بارغانسېرى يورۇيدۇ.
ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!».
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،
مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى،
ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛