TSK

TSK · ماركۇس 8:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ھەتتا ئۇلار پەرزەنتلىرىنى چوڭ قىلغان بولسىمۇ، مەن لېكىن ئۇلارنى بىرىنى قالدۇرماي جۇدا قىلىمەن؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكىنىمدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

مۇقەددەس نەرسىنى ئىتلارغا بەرمەڭلار، ياكى ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىڭلارنى توڭگۇزلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويماڭلار. بولمىسا، ئۇلار بۇلارنى پۇتلىرىدا دەسسەپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ.

ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى.   

نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.

لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن [سىلەردىن بۇرۇلۇپ] يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى.