ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن!
TSK
TSK · ماركۇس 8:17
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟
ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى.
لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى.
ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.
بۇ ئىش توغرۇلۇق ئېيتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار، لېكىن قۇلاقلىرىڭلار پاڭ بولۇپ كەتكەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەس.