كەل، ــ دېدى ئۇ. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ، ئەيساغا قاراپ كېتىۋاتاتتى؛
TSK
TSK · ماركۇس 9:23
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بەردى: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر ھېچ گۇمان بولماي ئىشەنچىڭلار بار بولسا، ئەنجۈر دەرىخىدە بولغان ئىشلار بولۇپلا قالماي، بەلكى سىلەر ھەتتا بۇ تاغقا: «بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلار، ئۇ شۇنداق بولىدۇ.
ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! ــ دېدى.
ئەمدىلىكتە ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان كىشى ئۇنىڭ بارلىقىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىزدىگەنلەرگە ئەجرىنى قايتۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.