TSK

TSK · ماركۇس 9:27

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئوڭ قولۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ساڭا: ــ «قورقما، مەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن!» دەيمەن.

ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى،

ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.

پېترۇس ئۇنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن تۇل ئاياللارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى.