TSK

TSK · ماتتا 13:42

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.

ھازىر سىلەر سۇناي، نەي، قالۇن، لىرا، زىلتار، بۇلمان ۋە باشقا ھەرخىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن ياساتقان ھەيكەلگە سەجدە قىلىشقا تەييار تۇرساڭلار، ياخشى. لېكىن سەجدە قىلمىساڭلار، سىلەر دەرھال دەھشەتلىك يالقۇنلاپ تۇرغان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قانداق ئىلاھ كېلىپ سىلەرنى چاڭگىلىمدىن قۇتقۇزۇۋالىدىكىن، قېنى؟! ــ دېدى.

ئۇنىڭ سورۇغۇچى كۈرىكى قولىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۆز خامىنىنى [توپا-ساماندىن] تەلتۆكۈس تازىلايدۇ، ساپ بۇغداينى ئامبارغا يىغىدۇ، ئەمما توپا-ساماننى ئۆچمەس ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ــ دېدى.

ۋە خۇمداننىڭ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتىغا تاشلايدۇ. ئۇ يەردە يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.

ئاندىن ئۇ سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس ئوتقا كىرىڭلار!

سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ.

ئۇ تېگى يوق ھاڭنىڭ قۇدۇقىنى ئاچتى. قۇدۇقتىن يوغان خۇمداننىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئۆرلەپ چىقتى. ھاڭنىڭ قۇدۇقىنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە كۆكنى قاراڭغۇلۇق باستى.

ئەمدى دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەرنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇۋېلىندى. (ساختا پەيغەمبەر شۇ ئالامەتلەر بىلەن دىۋىنىڭ تامغىسىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى). ئۇلار ئىككىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.

ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر.