«ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن».
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 12:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئىسرائىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!
ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى.
ماڭا نىسبەتەن، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاش بىلەن پەرۋەردىگارغا گۇناھ قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن؛ بەلكى مەن سىلەرگە ياخشى ۋە دۇرۇس يولنى ئۆگىتىمەن.
پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن: ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن!
سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.
ئاندىن ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ئى رەب، بۇ گۇناھنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالمىغايسەن، ــ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزۈپ ئۇخلاپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.