TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى.

سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛  

چۈنكى سىلەر زىن چۆلىدىكى مەرىباھ-قادەشنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئىككىڭلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ۋاپاسىزلىق كۆرسىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مېنى «مۇقەددەس» دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار.

يەھۇدالار قەبىلىسىنىڭ مىراسى بولسا جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن زېمىن بولۇپ، جەنۇبىي تەرەپنىڭ ئۇچى ئېدومنىڭ چېگرىسىغا ۋە زىن چۆلىگە تۇتاشتى؛

خاماتنىڭ پادىشاھى توي داۋۇتنىڭ ھادادئېزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ،