پەرۋەردىگار ماڭا: «موئابىيلارنى ئاۋارە قىلماڭلار ياكى ئۇلارغا جەڭ قوزغىماڭلار؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرمەيمەن؛ چۈنكى مەن ئار شەھەر-زېمىنىنى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مىراس قىلىپ بەردىم» ــ دېدى
TSK
TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ.
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار شۇ [ئاسۇرىيەلكنىڭ] پالۋانلىرى ئارىسىغا ئورۇقلىتىش كېسىلىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئاستىدا لاۋۇلداپ يالقۇنلايدىغان بىر ئوتنى ياقىدۇ.
قاچقانلار ھەشبون [سېپىلىنىڭ] دالدىسىدا تۇرۇپ ئامالسىز قالىدۇ؛ چۈنكى ھەشبوندىن ئوت، ھەم [مەھرۇم] سىھون [پادىشاھ]نىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىن بىر يالقۇن پارتلاپ چىقىدۇ ۋە موئابنىڭ چېكىلىرىنى، سوقۇشقاق خەلقنىڭ باش چوققىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ.
ھەم مەن گازانىڭ سېپىلىغا ئوت ئەۋەتىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛
ھەم مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت بوزراھنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ».
ھەم مەن موئاب ئۈستىگە ئوت ئەۋەتىمەن، ئوت كېرىئوتنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ۋە موئاب چۇقان-سۈرەنلەر بىلەن، قىيا-چىيالار بىلەن، كاناي ساداسى بىلەن ئۆلىدۇ.