TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 27:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائ‍ىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ.

ئىسرائ‍ىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى.

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى.

ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلۈپ ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلغاندەك، سەنمۇ چىقىدىغان شۇ تاغدا ئۆلۈپ خەلقلىرىڭگە قوشۇلغىن؛