TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 1:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى كوراھ بىلەن بىرگە يۇتۇپ كەتكەن؛ شۇ چاغدا كوراھ گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن؛ باشقىلارغا ئىبرەت بولسۇن دەپ، ئوت ئۇنىڭ ئىككى يۈز ئەللىك ئادىمىنى يۇتۇپ كەتكەن.

داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، ساڭا نىدا قىلىمەن؛ ئى مېنىڭ قورام تېشىم، ماڭا سۈكۈت قىلمىغايسەن؛ چۈنكى سەن جىمجىت تۇرۇۋالىساڭ، مەن چوڭقۇر ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ئوخشاشلا بولىمەن.

نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «خىلۋەتتىكى دۇب دەرەخلىرىدىكى پاختەك» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى (فىلىستىيلەر گات شەھىرىدە ئۇنى ئەسىرگە ئالغاندا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ نەپسى يوغىناپ مېنى قوغلىماقتا؛ كۈن بويى ئۇلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ مېنى باسماقتا؛

ئۇلارنىڭ غەزىپى بىزگە تۇتاشقاندا، ــ شۇ چاغدا ئۇلار بىزنى تىرىك يۇتۇۋېتەتتى؛

زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ، مېنى غاجىلاپ ئەزگەن؛ ئۇ ئىچىمنى بوشىتىلغان قاچىدەك قىلىپ قويغان؛ ئۇ ئەجدىھادەك مېنى يۇتۇپ، ئۆزىنى نازۇ-نېمەتلىرىم بىلەن تويغۇزغان، مېنى قۇرۇقداپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. ماڭا، مېنىڭ تېنىمگە قىلغان زوراۋانلىقى بابىلنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈلسۇن» ــ دەيدۇ، ۋە يېرۇسالېم: «مېنىڭ قانلىرىم كالدىيەدە تۇرغۇچىلارنىڭ بېشىغا تۆكۈلسۇن» ــ دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ گېلى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، تىللىرى كاززاپلىق قىلماقتا؛ كوبرا يىلاننىڭ زەھىرى لەۋلىرى ئاستىدا تۇرىدۇ؛