TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 1:24

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بىراق ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، سۆز-كالاملىرىنى مەنسىتمەيتتى، پەيغەمبەرلىرىنى زاڭلىق قىلاتتى؛ ئاخىر بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى ئۆرلەپ، قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خەلقىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل-ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن.

مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر.

ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ   

بىراق [ئاتا-بوۋىلىرىڭلار] ئاڭلاشنى رەت قىلغان، ئۇلار جاھىللىق بىلەن بوينىنى تولغاپ، ئاڭلىماسقا قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلغان؛

ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان، ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مېكىيان چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا يىغقاندەك پەرزەنتلىرىڭنى قانچە قېتىم قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار!   

لېكىن، ئۇ ئىسرائىللار ھەققىدە: ــ «مەن كۈن بويى بۇ ئىتائەتسىز ۋە تەرسا خەلققە قوللىرىمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم!» ــ دەيدۇ.