TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 10:19

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

«گەپ مۇنداق كۆپ تۇرسا، ئۇنى جاۋابسىز قالدۇرغىلى بولماس؟ سۆزمەن كىشى ئۆزىنى ئاقلىسا بولامدۇ؟

ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار.

خۇدانىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئاۋايلاپ يۈرگىن؛ ئەخمەقلەرچە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ بويسۇنۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقىن؛ چۈنكى ئەخمەقلەر رەزىللىك قىلىۋاتقىنى بىلمەيدۇ.

چۈنكى ھەممىمىز كۆپ ئىشلاردا خاتالىشىپ پۇتلىشىمىز. [ھالبۇكى]، ئەگەر بىرسى تىلدا خاتالاشمىسا، ئۇ كامالەتكە يەتكەن، پۈتكۈل تېنىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم بولىدۇ.