داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە ئابىگائىلنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ سېنى ئەمرىمگە ئالاي دەپ داۋۇت ساڭا سۆز قىلغىلى بىزنى ئەۋەتتى، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:16
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن بۇ ئىش پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ مەكتۇپلارنى يېزىپ، ھامان قەستلىگەن رەزىل ئىش، يەنى ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى قەست قىلغان ئىشى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا يانسۇن، دەپ يارلىق چۈشۈردى؛ ھەم كىشىلەر ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى دارغا ئاستى.
ئاشدودتىكى قەلئە-ئوردىلاردا، شۇنداقلا مىسىردىكى قەلئە-ئوردىلاردا ئېلان قىلىپ: ــ «سامارىيە تاغلىرى ئۈستىدە يىغىلىڭلار، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زور قىيقاس-سۈرەنلەرنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جەبىر-زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» ــ دەڭلار.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى.
بىراق بىرلا ئىش زۆرۈردۇر؛ ۋە مەريەم شۇنىڭدىن ئۆزىگە نېسىۋە بولىدىغان ياخشى ئۈلۈشنى تاللىدى؛ بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىنمايدۇ ــ دېدى.
ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە سۆسۈن رەخت سودىسى قىلىدىغان، تىياتىرا شەھىرىلىك، خۇدادىن قورقىدىغان لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. رەب ئۇنىڭ قەلبىنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاچتى.
سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.