TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:19

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى: «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى.

چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ، قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.

لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ».

خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار.

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.

چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.

خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.