TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم.

غەزىپىڭنىڭ قايناپ كېتىشىنىڭ سېنى مازاققا باشلاپ قويۇشىدىن ھۇشيار بول؛ ئۇنداقتا ھەتتا زور كاپالەتمۇ سېنى قۇتقۇزالمايدۇ.

ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.

ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟

ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!   

ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!