TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 11:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

[قېرى پەيغەمبەر] ئۇنىڭغا: ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ: ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى.

پەرۋەردىگار: «كىم ئاھابنى گىلېئادتىكى راموتقا چىقىپ، شۇ يەردە ھالاك بولۇشقا ئالدايدۇ؟» ــ دېدى. بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق دېيىشتى؛

ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر.

[ھېلىقى بۇرادىرىم] ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

دانالىقنى ئالغىن، ئەقىل تاپ، ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۇنتۇما، ئۇلاردىن چىقما.

ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.

«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن.   

ھەمدە ھەتتا ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر مۇخلىسلارنى ئۆزلىرىگە تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان تۈرلۈك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.

ۋەزىپە ھەممىمىزنىڭ ئېتىقادتا ھەم خۇدانىڭ ئوغلىنى تولۇق تونۇشتا بىرلىككە كېلىشىمىزگىچە، كامىل ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغىچە، ــ يەنى مەسىھنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى گەۋدىلەنگەن قەددى-قامەت ئۆلچىمىگە يېتىشىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇلماقتا؛

ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.  

بارلىق خەتلىرىدىمۇ ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى ئىشلار بار؛ بۇ ئىشلارنى تەلىم ئالمىغان ۋە تۇتامى يوق كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆز بېشىغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.

سىلەر بولساڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلغان مەسىھلىگۈچى روھ سىلەردە تۇرىۋېرىدۇ، سىلەر ھېچكىمنىڭ ئۆگىتىشىگە موھتاج ئەمەسسىلەر؛ بەلكى ئەنە شۇ مەسىھلىگۈچى روھ سىلەرگە بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق ئۆگىتىۋاتقاندەك (ئۇ ھەقتۇر، ھېچ يالغان ئەمەستۇر!) ــ ھەم ئۆگەتكەندەك، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىسىلەر.