TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 12:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاھىتوفەل ئابشالومغا: ماڭا ئون ئىككى مىڭ ئادەمنى تاللىۋېلىشقا رۇخسەت بەرسەڭ، مەن بۈگۈن كېچە قوزغىلىپ، داۋۇتنى قوغلاي؛

چۈنكى بىز، يەنى مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم بىرگە يوقىتىلىپ، قىرىلىپ، نەسلىمىزدىن قۇرۇتۇلۇشقا سېتىۋېتىلدۇق. ئەگەر بىز قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىۋېتىلگەن بولساق، سۈكۈت قىلغان بولاتتىم؛ لېكىن پادىشاھىمنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنىمۇ دۈشمەن تۆلەپ بېرەلمەيتتى، ــ دەپ جاۋاپ بەردى ئەستەر.

ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار.

چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ.

ئەتىسى ئەتىگەندە، يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچنەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ ئۆزلىرىگە لەنىتى بىر قەسەمنى قىلىشتى.