بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 13:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر.
خۇدانىڭ ئالدىدا دۆلەتمەن بولماي، ئۆزىگە خەزىنە يىغقاننىڭ ھالى شۇنداق بولار».
پەرىسىي ئۆرە تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دۇئا قىلىپتۇ: ــ «ئەي خۇدا، مېنىڭ باشقا ئادەملەردەك بۇلاڭچى، ئادالەتسىز، زىناخور ۋە ھەتتا بۇ باجگىردەك بولمىغىنىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر!
بىز مەسىھ ئۈچۈن ئەخمەق سانالغانلارمىز، ئەمما سىلەر مەسىھدە داناسىلەر! بىز ئاجىز، ئەمما سىلەر كۈچلۈكسىلەر؛ سىلەر ئىززەتلىك، ئەمما بىز خار؛
دەرد-ئەلەم تارتتۇق-يۇ، ئەمما دائىم شاد-خۇراملىقتا تۇرىمىز؛ نامرات بولغىنىمىز بىلەن، ئەمما كۆپ ئادەملەرنى باي قىلغۇچىمىز؛ ھېچنېمىمىز يوق بولغىنى بىلەن، ئەمما ھەممىگە ئىگىدارمىز.
ئۇلار مۇشۇ كىشىلەرگە «سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ، لېكىن ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بۇزۇقلۇقنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ.
سەن باي ئادەممەن، دۆلەتمەن بولدۇم، ھېچ نەرسىگە ھاجەتمەن ئەمەسمەن دېگىنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنىڭ غېرىب، بىچارە، يوقسۇل، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمىگەچكە،