TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى.

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!  

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارغا، چوڭلىرى ھەم كىچىكلىرىگىمۇ بەخت ئاتا قىلىدۇ.

بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن، رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!  

پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار.

شۇڭا، بۇ [ئاگاھنى] چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ [ئاگاھنىمۇ] قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.

ئۇ بولسا كۈنلىرىڭلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، نىجاتلىق، دانالىق ۋە بىلىمنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ؛ پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن گۆھەردۇر.

مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن.

لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛