TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 14:31

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.

«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».

مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس.

گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.  

يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما.   

ۋە پادىشاھ ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتايكى، مۇشۇ قېرىنداشلىرىمدىن ئەڭ كىچىكىدىن بىرەرسىگە شۇلارنى قىلغىنىڭلارمۇ، دەل ماڭا قىلغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئەمما سىلەر ھەر تەرەپتە، يەنى ئىشەنچتە، سۆزدە، بىلىمدە، تولۇق ئەستايىدىللىقتا ھەم بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلاردا ئەۋزەل بولغىنىڭلاردەك، مۇشۇ مېھىرلىك ئىشتىمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەۋزەل كۆرسىتىڭلار.

شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.