چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:3
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئايۇپ 31:4
TSK
ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟
زەبۇر 33:13
TSK
پەرۋەردىگار ئەرشتىن يەرگە نەزەر سالىدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
يەرەمىيا 16:17
TSK
چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى.
يەرەمىيا 32:19
TSK
ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛