پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ.
[ئەزرا مۇنداق دېدى] ــ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ كۆڭلىگە، يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى شۇنداق كۆركەم بېزەش نىيىتىنى سالدى،
كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.
مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن.
كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار.
پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ.
بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛
مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن.
لېكىن كىشىلەر سىلەرنى سىناگوگلارغا ياكى ھۆكۈمدارلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «[ئەرزگە] قانداق جاۋاب بەرسەم؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار.
ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛
شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار!