شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن ئۇنىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىغا، يەنى باش ساقىي ۋە باش ناۋايغا غەزەپلىنىپ،
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:14
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قەھرى-غەزەپكە كېلىپ زىياپەت-شاراب ئۈستىدىن تۇردى-دە، چارىباغقا چىقىپ كەتتى؛ ھامان بولسا خانىش ئەستەردىن جېنىنى تىلەشكە قالدى؛ چۈنكى ئۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە جازا بەرمەي قويمايدىغان نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنىدى.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر.
كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛ بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر.
دانىيال دەرھال پادىشاھ ئالدىغا كىرىپ، پادىشاھتىن چۈشىگە تەبىر بەرگۈدەك ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ،
ئەسلىدە ھېرود [خان] بىلەن تۇر ۋە زىدوندىكىلەر ئارىسىدا قاتتىق جېدەل بار ئىدى. ھالبۇكى، تۇر ۋە زىدوندىكىلەر بىرلىشىپ، ھېرودنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئالدى بىلەن خاننىڭ بىلاستۇس ئىسىملىك شەخسىي غوجىدارىنى ئۆزلىرىگە يار-يۆلەك بولۇشقا قايىل قىلغانىدى. چۈنكى بۇ يۇرتتىكىلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالاتتى.