TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 16:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.  

پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار.  

ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.

ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر.

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ھەرقانداق كىشى ئىبادەتخانا بىلەن قەسەم قىلسا، ھېچنېمىسى يوق، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشقا قەرزدار بولىدۇ» دەيسىلەر.

ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.

سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر!