TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئابشالوم قۇربانلىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان گىلوھلۇق ئاھىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن قەست بارغانسېرى كۈچەيدى، ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپۈيۈۋاتاتتى.

ئاندىن يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولغان ئون غۇلام ئابشالومنىڭ چۆرىسىگە يىغىلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.

ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى.

مېنىڭ ئورنۇمنى مۇستەھكەم قىلغان، ئاتامنىڭ تەختىدە ئولتۇرغۇزغان، ئۆز ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر ئۆينى قۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىدۇ، دېدى.  

ئاندىن پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا چىقىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھلىق بولسا سۇلايماننىڭ قولىدا مۇستەھكەم قىلىندى.

ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار».