چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 18:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئى ئوغلۇم، ئەگەر سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلساڭ، نەسىھەتلىرىمنى قەلبىڭگە پۈكسەڭ،
جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن.
گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما.
كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى، ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار.
مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى [ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن] قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر ئەرش پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە مۇيەسسەر قىلىندىڭلار، لېكىن ئۇلارغا نېسىپ قىلىنمىدى.
ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، [شەھەردىن] چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
روسۇللۇققا تاللاپ چاقىرىلغان، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا ئايرىپ تەيىنلەنگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛