TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر ساختىلىققا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بولسامئىدى! ئەگەر پۇتۇم ئالدامچىلىق بىلەن بىللە بولۇشقا ئالدىرىغان بولسا،

ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.

ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر.

راستچىل كىشىنىڭ بەختى كۆپىيەر؛ بىراق باي بولۇشقا ئالدىرىغان كىشى جازادىن قېچىپ قۇتۇلالماس.

ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر.

شۇنىڭدەك، ھېكمەت توپلىغۇچى دانا بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە خەلققە بىلىم ئۆگىتەتتى؛ ئۇ ئويلىنىپ، كۆپ پەند-نەسىھەتلەرنى تارازىغا سېلىپ، رەتلەپ چىقتى.

شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، زىئوندا ئۇل بولۇش ئۈچۈن بىر تاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تاش، قىممەتلىك بىر بۇرجەك تېشى، ئىشەنچلىك ھەم مۇقىم ئۇل تېشىنى سالغۇچى مەن بولىمەن. ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان كىشى ھېچ ھودۇقمايدۇ، ئالدىرىمايدۇ.  

ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ.

مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى،