TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 19:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا.

جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر!

نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر.

ئۆز دوستۇڭنى، ئاتاڭنىڭ دوستىنىمۇ ئۇنتۇما؛ بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە قېرىندىشىڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يېلىنما؛ يېقىندىكى دوست، يىراقتىكى قېرىنداشتىن ئەلا.

ــ ئى داۋۇتنىڭ ئوغلى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! ــ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.

ئەمدى ئەگەر ئاكا-ئۇكا ياكى ئاچا-سىڭىللاردىن بىرى يالىڭاچ قالسا ياكى كۈندىلىك يېمەكلىكى كەم بولسا، سىلەردىن بىرى ئۇلارغا: «[خۇداغا] ئامانەت، كىيىمىڭلار پۈتۈن، قورسىقىڭلار توق قىلىنغاي!» دەپ قويۇپلا، تېنىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟