ئاھ، يوللىرىمنىڭ يۆنىلىشى بەلگىلىمىلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا بېكىتىلگەي!
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 21:29
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
كۆزۈڭنى ئالدىڭغا تۈز تىككىن، نەزىرىڭنى ئالدىڭغا توغرا تاشلا؛
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار.
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر.
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ.
ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىۋاتقىنىڭلار ئۈستىدە كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار!
ئەمدى ئۆتۈنىمەنكى، كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار ــ بۇ كۈن، يەنى توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن تارتىپ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى باشلىغان كۈنىدىن كېيىنكى ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار؛
ئەمدى بىزنىڭ خۇدائاتىمىزنىڭ ئۆزى ھەم رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ يولىمىزنى يېنىڭلارغا باشلىغاي؛