TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 22:12

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ: ــ سەن پالانچى-پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى.

شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربتە پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن، كۈنچىقىشتا ئۇنىڭ شان-شەرىپىدىن قورقىدۇ؛ دۈشمەن كەلكۈندەك بېسىپ كىرگىنىدە، ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا قارشى بىر تۇغنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ؛

لېكىن ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلار خۇداغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار بولۇپ چىقىسىلەر!

شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى خاننى ئۇردى؛ چۈنكى ئۇ شان-شەرەپنى خۇداغا بېغىشلىمىدى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتقا يەم بولۇپ ئۆلدى.

ئاندىن ئاشۇ «قانۇننى يوقاتقۇچى» ئاشكارىلىنىدۇ؛ بىراق رەب ئەيسا ئاغزىدىكى نەپىسى بىلەنلا ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ، كەلگەن چاغدىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوق قىلىۋېتىدۇ.

مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي-بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ»