TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:29

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار.

ئابشالوم ئۆز غۇلاملىرىغا بۇيرۇپ: سەگەك تۇرۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ خۇش كەيپ بولغاندا، مەن سىلەرگە ئامنوننى ئۇرۇڭلار دېسەم، ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈڭلار. قورقماڭلار! بۇلارنى سىلەرگە بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىڭلار ــ دېدى.

شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر.

مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي!

بىراق بۇلارمۇ شاراب ئارقىلىق خاتالاشتى، ھاراق بىلەن ئېزىقىپ كەتتى: ــ ھەم كاھىن ھەم پەيغەمبەر ھاراق ئارقىلىق ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار شاراب تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغان؛ ئۇلار ھاراق تۈپەيلىدىن ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ ئېزىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ئالدىن كۆرۈشتىن ئاداشتى، ھۆكۈم قىلىشتا ئېزىقىشتى؛  

باشقا چاكار بۇرادەرلىرىنى بوزەك قىلىشقا ۋە ھاراقكەشلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىشكە باشلىسا،

ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار،