TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:34

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى ئەقىل-پاراسىتىڭگە بارىكاللا، ساڭىمۇ بارىكاللا! چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى ئۆز قولۇم بىلەن قان تۆكۈپ ئىنتىقام ئېلىشتىن توستۇڭ.

ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى.

لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ [ئېلاھ] تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا

ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس، ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس.

چۈنكى توپان كېلىشىدىن ئىلگىرىكى كۈنلەردە، نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، [شۇ زاماندىكى] كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كەلگەنىدى.

ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن.