قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 24:28
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان دوئەگ: ــ «مەن يەسسەنىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ قېشىغا كەلگىنىنى كۆردۈم،
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ قۇلۇم ئايۇپقا دىققەت قىلغانسەن؟ يەر يۈزىدە ئۇنىڭدەك مۇكەممەل، دۇرۇس، خۇدادىن قورقىدىغان ھەم يامانلىقتىن يىراق تۇرىدىغان ئادەم يوق. مەيلى سەن مېنى ئۇنى بىكاردىن-بىكار يۇتۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، ــ دېدى.
ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا.
ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار.
يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.
پىلاتۇس: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دەپ سورىدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: ئۇ كرېستلەنسۇن! ــ دەپ تۇرۇۋېلىشتى.
شۇنىڭ بىلەن يالغانچىلىقنى سېلىۋېتىپ، ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتنى سۆزلىشەيلى؛ چۈنكى بىز بىر-بىرىمىزگە نىسبەتەن بىر تەننىڭ ئەزالىرىدۇرمىز.
لېكىن قورقۇنچاقلار، ئېتىقادسىزلار، يىرگىنچلىكلەر، قاتىللار، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، سېھىرگەرلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە بارلىق يالغانچىلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېنىپ تۇرۇۋاتقان كۆلدۇر ــ بۇ بولسا ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر».