TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 25:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا بولسا ئۆزى تۆمۈردىن مۈڭگۈزلەرنى ياساپ چىقىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مۇشۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن سۇرىيلەرنى يوقاتقۇچە ئۈسۈپ ئۇرسىلا»، دېدى.

چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ.

چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر.

ئۇلار توغرا يولدىن چەتنەپ، بوسورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ كەتتى. ئۇ كىشى ھارام يولدا تاپقان ھەقنى ياخشى كۆرگۈچى ئىدى،   

بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.