TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 27:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ.

«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!

بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.

شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن.

مۇقەددەس يازمىلاردا: «[خۇدا] قەلبىمىزگە ماكان قىلدۇرغان روھ ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قىلامدۇ؟» دېگەن سۆز سىلەرچە بىكار دېيىلگەنمۇ؟