لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گەھازى كۆڭلىدە: ــ مانا، ئۇ سۇرىيەلىك نائامان ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىدىن غوجام ھېچنېمىنى ئالماي، ئۇنى بىكار كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئازراق بىر نەرسە ئالاي، دەپ ئويلىدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 28:20
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ.
بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس.
تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس.
نەپسى تويماس كىشى بايلىقلارنى كۆزلەپ ئالدىرايدۇ، ئۇ نامراتلىقنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشىدىغىنىدىن بىخەۋەردۇر.
ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ.
ئەمدى غوجىدار دېگەنلەردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى شۇكى، ئۇلار ۋاپادار-سادىق بولۇشى كېرەكتۇر.
ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.