سائۇل ئۆز غۇلاملىرىغا: ــ داۋۇتقا ئاستىرتىن: ــ مانا، پادىشاھ سەندىن سۆيۈنىدۇ، ۋە ھەممە غۇلاملىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن، دەپ ئېيتىڭلار، دەپ تاپىلىدى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭدىن كېيىن زىفتىكىلەر گىبېئاھتا تۇرۇۋاتقان سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ مانا، داۋۇت خاقىلاھنىڭ ئېگىزلىكىدىكى يەشىموننىڭ جەنۇبى تەرىپىگە جايلاشقان ئورمانلىقتىكى قورغانلاردا يوشۇرۇنىۋالدى، بىلمەمدىلا؟
ئەمدى بىر كۈنى بەئەروتلوق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رەكاب بىلەن بائاناھ چىڭقى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە باردى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقانىدى.
يەھۇ ئىككىنچى خەتنى يېزىپ، خەتتە: ــ «ئەگەر مەن تەرەپتە بولۇپ، مېنىڭ سۆزلىرىمگە كىرىشكە رازى بولساڭلار ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ باشلىرىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا يىزرەئەلگە، مېنىڭ قېشىمغا ئۇلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەمدى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يەتمىش كىشى بولۇپ، ئۆزلىرىنى باققان شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىرىنىڭ قېشىدا تۇراتتى.
كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛
شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.