TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 29:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

داۋۇت پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈستىگە سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پۈتكۈل خەلقىنى سوراپ، ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزەتتى.

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدىن چىقمىدى.

تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.

پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس.

ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.

پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ.

ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ.   

ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛   

رەزىللىكنى پۇختا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قولى ئۇنىڭغا تەييارلانغان؛ ئەمىر «ئىنئام»نى سورايدۇ، سوراقچىمۇ شۇنداق؛ مۆتىۋەر جاناب بولسا ئۆز جېنىنىڭ نەپسىنى ئاشكارا ئېيتىپ بېرىدۇ؛ ئۇلار جەم بولۇپ رەزىللىكنى توقۇشماقتا.