«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس، نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛ مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ، ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
زەبۇر 131:1
TSK
تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر.
يەشايا 3:16
TSK
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دېدى: ــ «زىئون قىز-ئاياللىرى تەكەببۇرلۇق قىلىپ، قاش-كىرپىكلىرىنى سۈزۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ناز قىلىپ تايتاڭلىشىپ، پۇتلىرىنى جىلدىرلىتىپ مېڭىپ يۈرىشىدۇ؛
ئەزاكىيال 28:9
TSK
ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن.
ھاباككۇك 2:4
TSK
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.