TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 30:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى نابال بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى؛ ئايالى ھەم پەم-پاراسەتلىك ھەم ئەپت-تۇرقى چىرايلىق، لېكىن ئېرى قاتتىق قول ۋە رەزىل ئىدى؛ ئۇ كالەبنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى.

ئۆتۈنىمەنكى، غوجام بۇ رەزىل ئادەم نابالغا پىسەنت قىلمىغايلا؛ چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزى خۇددى ئىسمىغا ئوخشاشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىسمى «كاج»، دەرۋەقە ئۇنىڭدا كاجلىق تولىمۇ ئېغىردۇر. لېكىن مەن دېدەكلىرى بولسا غوجام ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم.

ئۇنى ئۇ يەرگە باشلاپ بارغاندا، مانا ئۇلار پۈتكۈل يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىن ھەم يەھۇدا زېمىنىدىن ئالغان چوڭ ئولجىلىرىدىن خۇش بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى.

مىسكىنلەرگە زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر كەمبەغەل، خۇددى [زىرائەتلەرنى] ياتقۇزۇپ دېنىنى قويمايدىغان قارا يامغۇرغا ئوخشايدۇ.

ــ «[ئۇلارنىڭ ئورنىغا] ياشلارنى ئەمەلدار قىلىمەن، بەتخۇي بالىلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىدارە قىلىدۇ.