TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:29

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىمدۇر»، دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن گەرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ئادەم ئەۋەتىپ، ساراھنى [ئۆزىگە] خوتۇن بولۇشقا ئېلىۋالدى.

خۇدا چۈشىدە ئۇنىڭغا يەنە: ــ بۇ ئىشنى ساپ كۆڭۈل بىلەن قىلغىنىڭنى بىلىمەن؛ شۇ سەۋەبتىن مەن سېنى ئالدىمدا گۇناھ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇنىڭغا تېگىشىڭگە قويمىدىم.

سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما.

داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئايالنىڭ خەۋىرىنى سورىدى؛ بىرسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئېلىئامنىڭ قىزى، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالى بات-شېبا ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.

نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ.

تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.  

بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟

مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.