كەلگۈسى كۈنلەردە، ياقۇپ يىلتىز تارتىدۇ؛ ئىسرائىل بىخلىنىپ، چېچەكلەيدۇ، ئۇلار پۈتكۈل يەر يۈزىنى مېۋە-چېۋە بىلەن قاپلايدۇ.
TSK
TSK · رىملىقلارغا 1:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.
قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار جامائەتنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى، شۇنداقلا خۇدانىڭ قانداق قىلىپ ئەللەركەئېتىقادنىڭ بىر ئىشىكىنى ئاچقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ،
پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى.
چۈنكى ئەللەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن مەسىھنىڭ ماڭا قىلدۇرغانلىرىدىن باشقا ھېچنېمىنى تىلغا ئېلىشقا ھەددىم ئەمەس. سۆز ۋە ئەمەللەر ئارقىلىق، ئالامەتلىك مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر ئارقىلىق، مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىكون ئۆلكىسگىچە ئايلىنىپ ھەممە يەردە مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى تولۇق جاكارلىدىم.
ئەگەر باشقىلارغا نىسبەتەن روسۇل دەپ ھېسابلانمىسام، مەن ھېچ بولمىغاندا سىلەرگە روسۇل بولدۇم؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار رەبدە مېنىڭ روسۇل بولغانلىقىمنى تەستىقلىغان مۆھۈردۇرسىلەر.
ئەمما ئى قېرىنداشلار، روھىي ئىلتىپاتلارغا كەلسەك، سىلەرنىڭ ئۇلار توغرۇلۇق بىلمەي قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛
بىز ئەمدى ئۆزىمىزگە بېكىتىلگەن ئۆلچەمدىن ھالقىپ ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. بىز بەلكى ھەممىنى ئۆلچىگۈچى خۇدا بىزگە بېكىتكەن خىزمەت دائىرىسىدىكى ئۆلچەم، يەنى سىلەرنىڭ [خىزمىتىڭلارغىمۇ] يېتىدىغان ئۆلچەم بىلەن پەخىرلىنىمىز.
بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل جاھانغا يېتىپ كېلىپ مېۋە بېرىپ ئاۋۇماقتا، شۇنداقلا سىلەرگىمۇ يېتىپ كېلىپ، سىلەر ئۇنى ئاڭلاپ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ئۇ سىلەردىمۇ مېۋە بېرىپ ئاۋۇپ بارماقتا؛
خۇداغا يەنە شۇ سەۋەبتىن توختاۋسىز تەشەككۈر ئېيتىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزدىن ئاڭلىغان خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا قۇلاق سالغىنىڭلاردا، ئۇنى ئىنسانلاردىن كەلگەن سۆز سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلىي سۈپىتىدە، يەنى خۇدادىن كەلگەن سۆز-كالام دەپ ئۇنى قوبۇل قىلدىڭلار؛ ئۇ [سۆز-كالام] ھازىر ئىشەنگۈچى سىلەردە ئىشلىمەكتە.
لېكىن، ئەي قېرىنداشلار، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان باشقا ھەممىسىدەك، [ئاراڭلاردىكى] [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالغانلارغا قايغۇرۇپ ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھالى توغرۇلۇق خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمىز.
لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم.