TSK

TSK · رىملىقلارغا 1:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى.  

سەن كۈپكۈندۈزدە كور كىشى قاراڭغۇدا تەمتىلىگەندەك تەمتىلەپ يۈرىسەن، بارلىق يوللىرىڭ ئاقمايدۇ؛ سەن كۈندىن-كۈنگە پەقەت زۇلۇم بىلەن بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغۇچى بولىسەن، سېنى قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.

بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ.

سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ.

ئويۇلغان مەبۇدنى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچ پايدىسى يوقتۇر؛ مۇشۇلارغا بولغان «گۇۋاھچىلار» بولسا، ئۆزلىرى قارىغۇ، ھېچنېمىنى بىلمەس؛ دەرۋەقە نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە شەرمەندىلىكتۇر.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندە زادى قانداق ئادالەتسىزلىكلەرنى بايقاپتۇ، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا بىمەنە بۇتلارغا باش ئۇرۇپ، ئۆزلىرى بىمەنە بولۇپ كەتتى؟

مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛ زەرگەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئويغان بۇت تەرىپىدىن شەرمەندىگە قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ قۇيما ھەيكىلى يالغانچىلىق، ئۇلاردا ھېچ تىنىق يوقتۇر.

شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى».

شۇ [كالدىي كىشى] ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىكىغا ئىلىندۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆز تورى بىلەن تۇتۇۋالىدۇ، ئۇلارنى يىغما تورىغا يىغىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىدۇ؛

ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى.

چۈنكى ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدا بىلەلەيدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ھەممىنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن

كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن؛ بەللىرىنى مەڭگۈ رۇسلاتماي پۈكۈلدۈرگەيسەن!»  

شۇڭا شۇنى ئېيتىمەنكى، رەبتە ئۇنى تاپىلايمەنكى، يات ئەللەرنىڭكىدەك، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنىڭ بىمەنىلىكىدە ماڭغىنىدەك مېڭىۋەرمەسلىكىڭلار كېرەك؛

چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ [قۇللۇقىدىن] ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس،   

ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ خۇدادىن قورقۇڭلار، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى ئۇنىڭ سوت قىلىش سائىتى يېتىپ كەلدى؛ ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە سۇ بۇلاقلىرىنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار! ــ دەيتتى.