TSK

TSK · رىملىقلارغا 13:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇڭا مەن شۇ چاغدا سىلەرگە: ــ «مەن يۈكۈڭلارنى يالغۇز كۆتۈرەلمەيمەن.

دەمەشقتىكى سۇرىيلەر زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئېزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىقتى، لېكىن داۋۇت سۇرىيلەردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.

ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ.

شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن.

شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا،

قېنى، قانداق ئويلايلا؟ [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى.

ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز.

رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال-خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.