مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
TSK
TSK · رىملىقلارغا 5:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى
ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، [خۇدانىڭ] مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!
گۇناھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا ھېچ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ؛ چۈنكى سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.
چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
چۈنكى خۇدانىڭ نىجاتنى بارلىق ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى؛
ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.
ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر.