TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 36:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ.

مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛

ئۇنداقتا، مەن شىلوھنى قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى بۇ ئۆينىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن، بۇ شەھەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە لەنەت سۆزى قىلىمەن».  

چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بابىلغا بېكىتىلگەن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ سىلەرگە ئىلتىپات كۆرسىتىمەنكى، سىلەرنى مۇشۇ يۇرتقا قايتۇرۇشۇم بىلەن سىلەرگە قىلغان شاپائەتلىك ۋەدەمنى ئادا قىلىمەن؛   

ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلاردەك بولماڭلار؛ چۈنكى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار: ــ رەزىل يوللىرىڭلاردىن، رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار، دېگەن»، ــ دەپ جاكارلىغان. بىراق ئۇلار ماڭا قۇلاق سالمىغان، بويسۇنمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ــ «ۋە مەن ئۇلارنى ئۇلار تونۇمايدىغان بارلىق ئەللەر ئارىسىغا قارا قۇيۇن بىلەن تارقىتىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ كېتىشى بىلەن زېمىن ۋەيران بولغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرمۇ، قايتقانلارمۇ بولغان ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئىللىق زېمىن ۋەيرانە قىلىنغان».