ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 6:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
سۇلايمان پەرۋەردىگارغا شۇ بارلىق دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىنى قىلىپ بولغاندا، قوللىرىنى ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان يەردىن قوپۇپ،
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ،
تەۋراتشۇناس ئەزرا مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ھازىرلانغان ياغاچ مۇنبەرگە چىقىپ تۇردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى ماتتىتىيا، شېما، ئاناياھ، ئۇرىيا، ھىلقىيا بىلەن مائاسېياھلار ئىدى؛ سول تەرىپىدە تۇرغىنى پىدايا، مىشائەل، مالكىيا، ھاشوم، ھاشباددانا، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللام ئىدى.
دانىيال بۇ يارلىقنامىگە ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر بالىخانا بولۇپ، دېرىزىسى يېروسالېمغا قارايدىغان بولۇپ، ئوچۇق تۇراتتى. ئۇ ئادىتى بويىچە دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتاتتى.
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى.