ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.
TSK
TSK · سامۇئىل «2» 20:21
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئەفرائىم پۈتكۈل تاغلىقىنى ئارىلاپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ئەفرائىملارغا: ــ «سىلەر چۈشۈپ مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، بەيت-باراھقىچە، شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى توسۇۋېلىڭلار»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ، بەيت-باراھقىچە ۋە ئىئوردان دەرياسىغىچە بارلىق ئېقىن كېچىكلىرىنى ئىگىلىدى.
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مىكاھ ماڭا مۇنداق-مۇنداق قىلىپ، مېنى ياللاپ ئۆزىگە كاھىن قىلدى، دېدى.
داۋۇت ئابىشايغا: ــ ئۇنى يوقاتمىغىن. كىم پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىغا قول ئۇزىتىپ گۇناھغا تارتىلمىغان؟ ــ دېدى.
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى.
ئۇ: ــ تىنچلىق، ــ دېدى، ــ ئەمما غوجام مېنى ماڭدۇرۇپ: مانا ئەمدى ئەفرائىم تاغلىقىدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىككى يىگىت قېشىمغا كەلدى. بۇلارغا بىر تالانت كۈمۈش بىلەن ئىككى كىشلىك كىيىم بەرسىلە، دەپ ئېيتتى، ــ دېدى.
چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ